Qumul wangliri
From Wikipedia
ﻗﻮﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
ﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺦ 17 - ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، 1644 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ . ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﺎﻻﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﺗﯜﺑﯜﺗﻠﻪﺭ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﻧﯩﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﻩﯛﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ . 1605 ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 4 - ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺨﺎﻥ ( ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﻪﺯﯨﻢ ) ﺧﺎﻥ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺷﺎﻫﯩﺒﻪﮔﻨﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﯞﺍﻟﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﭘﺎﺕ - ﭘﺎﺕ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺸﺎﻫﯩﺒﻪﮒ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺪﯗ ، ﻟﯧﻜﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺷﺎﻫﺒﻪﮒ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯚﻫﭙﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺷﺎﻫﺒﻪﮒ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﻏﺎﺯﻯ ﺗﺎﺭﺧﺎﻧﺒﻪﮒ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ . ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺷﺎﻫ ﻏﺎﺯﯨﺒﻪﮒ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺧﺎﻧﺒﻪﮔﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻠﺪﻏﺎ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﺭﺧﺎﻧﺒﻪﮒ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺷﺎﻫ ﻏﺎﺯﯨﺒﻪﮒ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﺗﺎﺭﺧﺎﻧﺒﻪﮒ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﺭﺧﺎﻧﺒﻪﮒ . ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻰ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ 1696 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . 1897 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﭘﺎ (ﯞﺍﭘﺎ) ﺑﻪﮔﻨﻰ ﺑﺎﺭﯨﻜﯚﻟﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻏﺎﻟﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﻟﻼﭖ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﯗ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯗ . ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﻰ 1 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﺳﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺧﺎﻧﺒﻪﮔﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﺟﺎﺳﺎﻕ ﻣﯚﻫﯜﺭﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ، ﺟﯩﻴﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯘﻍ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮔﯘﻳﺎ ﺑﻪﮔﻨﻰ 2- ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯘ 200 ﺩﻩﻙ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻛﺎﯕﺸﻰ ﺧﺎﻥ 1706 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﺪﯗ . ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﻮﯞﻏﺎ - ﺳﺎﻻﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻗﻮﻏﯘﻧﻰ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺧﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻨﺌﺎﻣﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﺎﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺑﻪﮒ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﭼﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﺳﺎﻕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ (ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ) ﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻛﺎﯕﺸﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺳﻮﻗﯘﭖ ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯙﯞﻩ ، ﻻﭘﭽﯘﻗﺎ ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ، ﻛﯘﭼﺎﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﯘﭼﻰ ، ﺟﯩﮕﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ؛ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ، ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﻪ ، ﺳﯘﻣﻘﺎﻏﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﺧﺎﻥ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻳﻮﻝ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪﻧﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺑﻪﮒ ﻛﺎﯕﺸﯩﻨﯩﯔ 48 - ﻳﯩﻠﻰ ( 1709 - ﻳﯩﻠﻰ ) ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .
ﺋﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﯓ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻰ 1709 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﺪﺍ 1 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﺳﺎﻕ ﺗﺎﺭﺧﺎﻧﺒﻪﮔﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، 1711 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 3- ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻰ ﺋﯩﻤﯩﻦ 1711 - ﻳﯩﻠﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮔﯘﭘﺎ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ 1 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﺳﺎﻕ ﺗﺎﺭﺧﺎﻧﺒﻪﮔﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﻧﻰ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﻰ (ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ) ﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺋﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﯓ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻣﻪﺷﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﻣﻮﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . 1715 - ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﺎﻗﺴﻜﯖﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﯞﺍﯓ ﺋﺎﺭﺍﺑﺪﺍﻥ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﻮﺭﺷﺎﭖ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ 2000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﯓ ﯞﺍﯓ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ، ﭼﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﺪﯨﻦ 200 ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﯓ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ 20 ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﻛﺎﯕﺸﻰ ﺧﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﯓ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ 15 ﻣﯩﯔ ﺳﻪﺭﺗﻪﯕﮕﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﺪﯗ . ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ، ﻗﻮﻱ ، ﻛﺎﻻ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﯧﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﻚ ﺭﻩﺧﺖ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 1718 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﯓ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﻜﺰﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﯓ ﭼﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 4 - ﻳﯩﻠﻰ (1740 - ﻳﯩﻠﻰ) 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯓ . ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﭼﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 5 - ﻳﯩﻠﻰ ( 1740 - ﻳﯩﻠﻰ ) ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺳﻘﺎﻕ ﺑﯧﮕﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .1756 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻪﻩﻥ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯓ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺧﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 1758 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯓ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ، ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﺎﯞﺯﯗﯓ ﺧﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 1760 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﺎﯞﺯﯗﯓ ﺧﺎﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯕﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ 40 ﺑﻪﮔﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺧﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻧﯘﺭﺍﻧﻪ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﺱ ﺗﻮﻥ ، ﺗﻪﯕﮕﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﻼﻳﺪﯗ . ﺭﺍﻫﻪﺗﺒﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﺧﺎﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮔﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ . 1766 - ﻳﯩﻠﻰ 500 ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻚ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ . 1767 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﺷﻪﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﯖﺸﻰ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯓ ﭼﯧﭽﻪﻙ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﮔﻪﻧﺴﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﯖﻠﻴﺎﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﯧﭽﻪﻛﻨﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ ﺋﯘﻣﯘ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯓ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﻳﯜﺯﭼﻰ ﺋﯧﻪﯨﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ، ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ، ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺋﺎﺑﺎﺕ ﺑﺎﻍ" ﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﺘﺎﻡ ، ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
ﺋﯩﺴﻬﺎﻕ ﯞﺍﯓ . ﭼﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 32 - ﻳﯩﻠﻰ ( 1767 - ﻳﯩﻠﻰ ) ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻰ ﺋﯩﺴﻬﺎﻕ ﺋﯩﻨﺎﻧﭽﯩﺨﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﻭﺑﯧﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، 1771 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺎﻥ 1773 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻬﺎﻗﻨﻰ ﻫﻜﻜﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﻫﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﺗﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ، ﺋﯩﻠﻰ ﺟﺎﯕﺠﯜﻧﻰ ﺷﯘﺟﯘﺩﯦﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ . 1776 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﯞﺍﯕﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . 1780 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻬﺎﻕ ﯞﺍﯕﻐﺎ ﭼﯧﭽﻪﻙ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺴﻬﺎﻕ ﯞﺍﯕﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﺘﺎﻡ ، ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ، ﺑﺎﻍ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯩﺪﯗ . ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﯚﭼﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻜﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ . ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﻣﺎﺯﺍﺭ ( ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺑﻪﻟﯩﺨﻰ ) ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﻪﺭﺩﯨﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ . ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻰ ﺋﻪﺭﺩﯨﺸﯩﺮ ﭼﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 45 - ﻳﯩﻠﻰ ( 1780 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ) ﺋﯩﻨﺎﻧﭽﯩﺨﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﻭﺑﯧﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻪﺭﺩﯨﺸﯩﺮ 1790 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1809 ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﯚﺕ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻪﺭﺩﯨﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﭼﺎﯕﻔﯘ ﯞﻩ ﭼﻮﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺋﻪﺭﺩﯨﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﺟﻴﺎﯓ ﭼﯩﯖﻨﯩﯔ 18 - ﻳﯩﻠﻰ ( 1813 - ﻳﯩﻠﻰ ) 2 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ . 1813 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺭﺩﯨﺸﯩﺮﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯧﺸﯩﺮ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﺭﺩﯨﺸﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻧﭽﯩﺨﺎﻥ ، ﺩﻭﺭﻭﺑﯧﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺧﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﯖﯟﺍﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ، ﺳﻮﺩﺍ - ﺳﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ، ﺋﯚﻱ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ، ﺑﺎﻍ ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻪﺗﺘﻰ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ -ﺳﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ 1815 - ﻳﯩﻠﻰ ، 1819 - ﻳﯩﻠﻰ ﺭﯦﺨﯩﻐﺎ(ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﯧﺒﯩﻲ) ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ . 1823 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺧﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻣﺎﻝ - ﭼﺎﺭﯞﯨﻼﺭﻣﯘ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ "ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪ" ﺩﻩ : " ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺗﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻳﻠﯩﺮﻯ 270 ﻗﻮﺗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻫﻪﺭ ﻗﻮﺗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 700 ﺩﯨﻦ ﻛﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، 1200 ﺩﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ " ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ . ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ، ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ . ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﻨﯩﯔ "ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪ" ﺳﯩﺪﻩ : "ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪﻟﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ، ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﭖ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ . ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ، ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭ ، ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻻﺭ ﻛﻪﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ " ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ - ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫﻨﯩﯔ ﭼﯩﻨﻪ ﮔﯜﻣﺒﯩﺰﻯ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺭﺍﻫﻪﺗﺒﺎﻍ ، ﺋﯜﺯﯛﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﻏﻼﺭ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯗ . 1886 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯜﭘﯜﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﺍﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﺳﯜﭘﯜﺭﮔﻪ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺑﯧﺸﯩﺮﯞﺍﯕﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 1867 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘ ﯞﺍﯓ . ﺑﯧﺸﯩﺮ ﯞﺍﯓ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﯘﯕﭽﯩﻨﯩﯔ 6 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭼﯩﯖﯟﺍﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ . ( ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﯞﺍﯓ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﭘﺎﻟﻪﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ) ﺧﺎﻥ 1889 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘﻏﺎ ﭼﯩﯖﯟﺍﯓ ﻓﯘﺟﯘﯕﻠﯘﻕ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . 1873 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﻧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﻱ ﻳﻪﻧﺨﯘ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯓ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ، ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﻪﻱ ﻳﻪﻧﺨﯘ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘﻧﻰ 2000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭼﯩﻘﺘﯩﻤﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . 1877 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﻱ ﻳﻪﻧﺨﯘﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 1878 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘﻧﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺋﺎﻟﯟﺍﻥ - ﺳﯧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﺍ ﮔﺎﺩﺍﻳﻼﺭ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻧﺎﻥ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻫﺎﻟﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻳﺎﻕ - ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ، ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘ ﯞﺍﯓ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺳﯜﭘﯜﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺑﻪﻱ ﻳﻪﻧﺨﯘﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﺳﯜﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . 1882 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﯞﺍﯓ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘ ﯞﺍﯓ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . 1882 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﺳﺎﻕ ﺧﻮﺷﯘﺕ ﭼﯩﯖﯟﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﺪﻩ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﻳﺪﯗ . ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﯞﺍﯕﻠﯩﻖ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻘﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﺷﺎﻫ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﯞﺍﯓ . ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﻰ ﺷﺎﻫ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ( 1882 - 1930 ) ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ 48 ﻳﯩﻞ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ . ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ، ﺗﺎﻏﺪﺍ ﻗﻮﻳﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﺟﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﺠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺷﺎﻫﻤﻪﺧﺴﯘﺗﻘﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯘ ﯞﺍﯓ ﺷﺎﻫ ﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ ، ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . 1882 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺷﺎﻫ ﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﻰ ﺟﺎﺳﺎﻕ ﺧﻮﺷﯘﺕ ﭼﯩﯖﯟﺍﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﺵ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﯞﺍﯕﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﻫﺎﺷﺎ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻧﮕﻪ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺑﺎﺝ - ﺳﯧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﺶ ، ﺋﺎﻟﯟﺍﻧﻐﺎ ﻫﻪﻳﺪﻩﺵ ، ﻫﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﺎﺭﯞﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺟﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﯨﺪﯗ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ 1907 - ﻳﯩﻠﻰ "ﺗﻮﺭﭘﺎﻗﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ" ، 1912 - ﻳﯩﻠﻰ "ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﭙﻪ" ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺷﺎﻫ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﯞﺍﯓ 1930 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .
ﺷﺎﻫ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ "ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ" --- ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﺎﺭﺍﻱ 1879 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﯜﻧﯟﻭﻣﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻳﭙﯩﯖﺨﯘ ﺷﯩﺨﯘﻣﺎ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺋﻮﻥ ﻣﻮ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ . ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﺧﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺋﺎﻟﺪﻯ - ﻛﻪﻳﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻮﻳﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻫﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺗﯚﺕ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯚﻱ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻫﻮﻳﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻮﺭﭘﯘﺱ ﺋﯚﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﺎﺗﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﺭﭘﯘﺱ ﺋﯜﭺ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻜﻴﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺷﻪﺭﻕ - ﻏﻪﺭﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ - ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﺍﯕﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻜﺴﯜﻳﯜﻥ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯚﻳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺝ - ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻫﺎﺟﯩﻼﺭ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻧﺒﻪ: < ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .
izdinix munbiri aysu yollanmisi