Rizwangül
From Wikipedia
ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕۈل
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﺰﻯ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ، ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ 1925 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗﺎ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ ﭼﯩﻠﻪﻙ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﻫﺎﺷﯩﻢ ﺋﺎﺧﻮﻥ ، ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯘﯓ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . 1932 - ﻳﯩﻠﻰ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ 7 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ( ﭘﯘﺷﻤﺎﻥ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ) ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ . 1933 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1940 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﯘﻣﯘﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1940 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .1943 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ . ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ، ﺋﻮﺗﻜﯘﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ ، ﻛﻪﻣﺴﯚﺯ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺑﯚﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻧﺎﺭﻩﺳﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺧﻮﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻫﯩﭻ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﻛﯘﻧﯩﻼ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻭﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ . ﺋﯘ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻫﻪﺭﺑﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﮔﻪﻧﺪﻯ . ﺋﯘ ﺩﺍﺋﯩﻢ : << ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻙ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺑﯩﺰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ . ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﯦﺴﻪ ، ﻫﻪﻣﯩﺸﯩﺮﻩ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ :<< ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﺭﻭﺱ ﻗﯩﺰﻯ ﺯﻭﻳﺎﺩﻩﻙ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ >> ﺩﻩﻳﺘﻰ . ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﭘﺎ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ ، ﺋﯚﻟﯘﻣﮕﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ، ﻣﻮﻟﺪﯗﺭﺩﻩﻙ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺋﻮﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻳﯘﮔﯘﺭﯗﭖ ﻳﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﺩﻯ . ﺋﯘ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻳﯘﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ - ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ، ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 13 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﻫﻪﺭﻩﻣﺒﺎﻍ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﯞﯨﮋﯨﻠﺪﺍﭖ ﺋﯘﭼﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﭺ ﺟﻪﯕﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺟﻪﯕﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯘﻕ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ 19 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯩﻤﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﻮﻏﯘﻝ -ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ .
ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﺑﺎﺗﯘﺭﺍﻧﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻪﺕ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯚﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻏﻮﺭﯗﺭ ، ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭﺍﻧﻪ ﺭﻭﻫﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﯘﺭ ، ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ . ﺋﯘ ﺑﯘﺭﯗﻥ ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﻪﻟﮕﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ . [1]
ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺭﻩﺕ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ
izdinix.com