Shéir we shair
From Wikipedia
ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮ
ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯨﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ
ﺷﯧﺌﯩﺮ __ ﻣﺎﺭﺟﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻳﯩﭙﻘﺎ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺗﯘﺭﯨﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻗﯘﻻﻗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﺩﯨﻐﺎﻥ .
ﺷﯧﺌﯩﺮ __ < ﺋﺎﻳﻪﺕ > ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺮﺩﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﺗﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺩﯗﻛﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻮﻗﯘﺳﯩﻼ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ .
ﺷﯧﺌﯩﺮ __ ﻛﻪﺷﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﻣﻪﺷﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻻﺗﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ .
ﺷﯧﺌﯩﺮ ﮬﻪﻡ ﮬﯚﺳﻨﻰ ، ﮬﻪﻡ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ، ﮬﻪﻡ ﺗﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﮬﻪﻡ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﮬﯚﺳﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﻗﯩﻼﺭ ؛ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﮬﻮﺯﯗﺭ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﻪﺭ ؛ ﺋﯩﺸﻖ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ ﻗﯩﺴﺎﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯜﻝ ﺩﻩﺳﺘﻪ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺟﺎﻧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎﺭ ؛ ﻳﺎﯞﺍ ﺗﻮﯕﯖﯘﺯ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﻜﯘﺯﺳﻪ ، ﺗﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﺎﻧﭽﯩﻼﺭ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘﺭﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯩﺘﺎﺭ .
ﺷﯧﺌﯩﺮ __ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻰ ، ﻧﻪ ﻳﻮﺭﯗﻗﻰ ﺗﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ . ﺷﯧﺌﯩﺮ _ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﻪﺷﺌﻪﻟﺪﯗﺭﻛﻰ ، ﻛﯧﭽﻪ ﺯﯗﻟﻤﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻣﯩﺪﯗﺭﻛﻰ ، ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺩﻩﺷﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻦ ﺗﯩﺘﺮﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ .
ﺷﺌﯩﯧﺮ __ ﭼﯚﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯟﯗﻥ ( ﯞﯨﻞ - ﯞﯨﻞ ) ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﮔﺎﮬﻰ ﻛﯚﻙ ، ﮔﺎﮬﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ، ﮔﺎﮬﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ، ﮔﺎﮬﻰ ﮔﯩﻴﺎﮬ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ .
ﺷﯧﺌﯩﺮ __ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺑﯘﻻﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗﻛﻰ ، ﺗﻪﺷﻨﺎﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﺍﻡ ، ﺩﻩﺭﺗﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﯞﺍ ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺷﯩﭙﺎ ، ﻏﻪﻣﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ، ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﯞﻩ ﻛﯜﭺ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﻜﯜﭼﻰ .
ﺷﯧﺌﯩﺮ __ ﮬﺎﭘﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻰ ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯜﮔﺪﻩﻙ ﺑﺎﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ . ﺷﯧﺌﯩﺮ _ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﻟﺪﯛﺭﻣﺎﻣﯩﺪﯗﺭﻛﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﺗﯩﺘﺮﯨﺘﯩﭗ ، ﺧﺎﻣﯘﺵ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻘﺎﻱ ؛ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﮔﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﯜﻧﺪﯨﮕﻪﻱ ، ﺋﻪﺑﻪﺩﻯ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻱ !
ﺷﺎﺋﯩﺮ __ ﻗﺎﻏﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﻗﻮﻧﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﺎﻗﯩﻠﺪﺍﯞﯦﺮﺩﯨﻐﺎﻥ . ﺷﺎﺋﯩﺮ _ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﺎﯓ ﺗﻮﺧﯘﺳﯩﺪﯗﺭﻛﻰ ، ﻛﯧﭽﯩﭽﻪ ﺗﺎﯕﻨﻰ ﭼﯩﻠﻼﭖ ﺗﯩﻨﻤﺎﺱ ؛ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺗﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﺭ . ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ << ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺧﻮﺭﺍﺯ >> ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ_ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﺷﻰ ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﯩﺮ_ ﺋﺎﻳﯟﺍﻥ ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ، ﺟﺎﮬﺎﻥ _ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ، ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺗﯧﺨﻰ ﻗﺎﻏﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﻳﻮﻕ .
ﺷﺎﺋﯩﺮ __ ﺗﯘﺗﯩﻘﯘﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﺗﺴﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺩﻭﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻣﯘﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺩﻭﺭﺍﺷﺘﯩﻦ ﺑﯚﻟﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻳﻪﺩﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻪﺯﻩﺭﺑﺎﻳﺠﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻓﯘﺯﯗﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯘﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ :
< ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺭﻩﯕﮕﯩﻦ ﺋﻪﻳﻠﯩﺴﻪﯓ ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺗﻪﻏﻴﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺭ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻟﻪﺋﻠﻰ ﺑﻪﺩﺍﺧﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ . ﺗﯘﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﺩﺍﻳﻰ ﻛﻪﻟﯩﻤﺎﺕ ﺋﻪﻳﻠﯩﺴﻪﯓ ، ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺭ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ .>
ﺷﺎﺋﯩﺮ __ ﭼﯩﻦ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﺪﯗﺭ . ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﮬﯩﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯘﺷﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻨﻰ ﮬﯩﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﻰ ، ﺋﯚﺯ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﻰ ، ﺋﯚﺯ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ .
ﺷﺎﺋﯩﺮ __ ﻛﯧﭙﯩﻨﻪﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﭘﻪﺭﻗﺴﯩﺰ ﻗﻮﻧﯘﭖ ، ﮬﻮﺯﯗﺭ _ ﮬﺎﻻﯞﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺷﺎﺋﯩﺮ __ ﭼﯩﺮﺍﻕ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﯩﺴﯩﺪﯗﺭﻛﻰ ، ﮬﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺋﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ...
ﺷﺎﺋﯩﺮ __ ﺷﺎﮬ ﯞﻩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺯﯗﻧﯧﻤﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﺍﮬﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﺪﻩ ﺧﻮﺭﯗﻟﺪﺍﭖ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺩﻩﺷﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻳﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻣﺎﺳﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﯩﻼﻧﺪﯗﺭﻛﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﯚﺭﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻏﯘ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﯜﻟﻜﻪ _ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﮬﯘﺷﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ، << ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺋﯘﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﺖ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ ؛ ﻟﯧﻒ ﺗﻮﻟﺴﺘﻮﻱ ﺋﯘﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﺳﺎ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﻟﯩﻒ ﺗﻮﻟﺴﺘﻮﻱ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻦ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺷﺎﺋﯩﺮ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺷﺎﺋﯩﺮﺩﯗﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﯕﯖﯜ ﺋﯚﻟﻤﻪﺳﺘﯘﺭ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﭼﯜﻱ ﻳﯜﺋﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ؛ ﻟﻰ ﺑﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ؛ ﺑﺎﻳﺮﻭﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ .
1980- ﻳﯩﻠﻰ 23 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ . ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ )
anayurt munbiri subhi yollanmisi