Shing shi sey
From Wikipedia
تاسادىپى قولغا چۈشۈپ قالغان دوكلات كۇپىيىسى
[Uzgartish] ئەرشىدىن تاتلىق
1957 - يىلى باھار ئايلىرى ئىدى . ئىدارە بويىچە ئومۇمىي تازىلىق يۈرگۈزمەكچى بولۇپ ، ھەممە ئىشچى - خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى . مەرھۇم تېيىپچان ئېلىيوپ ، ئابدېكىرىم خوجا ، ئەخمەت زىيائى ، روزى قاسىم ۋە مەن بىلەن بەش - ئالتە كىشى بىر گۇرۇپپا بولغاندۇق . خىزمەت تەقسىماتى بويىچە بىز شۇ چاغدىكى رۇس كۇلۇبى ( ھازىرقى دوستلۇق كۇلۇبى ) بىلەن شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ( ھازىرقى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئائىلىكلەر قوراسى ) ئارىلىقىدىكى لاپاسلىق كارىدورنى تازىلاشقا كىرىشتۇق . بۇ كارىدورغا 40 - يىللاردا چىققان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى گېزىت ژورناللار توپ - توپى بىلەن باغلاپ تاشلانغان . بىز ئۇلارنىڭ كارغا كېلىدىغان ( سېسىپ - چىرىمىگەن ) لىرىنى بىرلەشمىنىڭ قىرائەتخانىسىغا توشۇپ ، كېرەكسىزلىرىنى ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلىدۇق . ئۇنى تۈگىتىپ كارىدورنىڭ يەر يۈزىنى سۈپۈرۈپ تازىلىغاندىن كېيىن ، تورۇستىكى لىم ياغاچلار بىلەن چەنزىلەرنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان گېزىت - ژورناللار ۋە خەت - چەكلەرنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتۇق . شۇ ئارىدا قولىمىزغا مەشنىڭ كانىيدەك چوڭلۇقتا ، ئىككى بېشى يىلىملاپ چاپلانغان بىر توپ قەغەز چىقىپ قالدى . بىز ئۇنىڭغا قىزىقىپ ، " بۇنىڭ ئىچىدە چوقۇم قىممەتلىك ماتىرىيال بولۇشى مۇمكىن دەپ ، ئۇنى پىچاق بىلەن كېسىپ ئاچتۇق ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يىپ بىلەن تىكىلگەن خەنزۇچە يېزىقتىكى ئىككى توپ ماتىرىيال چىقتى . مەرھۇم ئابدېكېرىم خوجا ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇپ ، بىزگە مۇنداق دەپ بەرگىنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە : " بۇ ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا شېڭشىسەينىڭ ئىشىنى مەخپى تەكشۈرگىلى كەلگەن بىر خىزمەت ئۆمىكى يازغان دوكلاتنىڭ كۇپىيىسى ئىكەن . بۇنىڭدا شېڭشىسەي تۈرلۈك بەدناملار بىلەن قەتل قىلغان ئادەملەرنىڭ سانى جەدۋەللەشتۈرۈپتۇ . بۇنىڭ يەكۈنىدە مۇنداق دىيىلگەن :
1 . جاي - جايلاردىن تۇتقۇن قىلىپ ئەكىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر 57000 دىن ئارتۇق . بۇلار ئاساسەن يەرلىك خەلقنىڭ مۆتىۋەرلىرى ، يۇرت چوڭلىرى ۋە ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ، كومۇنىست دەپ ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن باشقا خەنزۇلاردىن شېڭشىسەينىڭ ئۆزىنىڭ ئىنىسىمۇ بار .
2 . 1933 - يىلى ماخوسەننى قوغلاش باھانىسى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىگىچە ئەۋەتىلگەن ئاق ئورۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە 1937 - يىلى " شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭغا قاتناشقان " دەپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر 30000 دىن ئارتۇق
3 . " ئالتايغا ئالتۇن كولاشقا بارىدۇ " دەپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئېلىپ كېلىنىپ ، ئالتايغا بارغىچە بولغان چۆل - جەزىرىلەردە سۇسىزلىق ، ئاچلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەر ۋە ئالتايغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن مىلتىقنى ئوڭلاپ ئاتالماي ئۇرۇشتا نابۇت بولغانلارنىڭ سانى 40000 ، بۇلارنىڭ جۇغى - جەمىئىي 127000 دىن ئارتۇق . ھەرقايسى ۋىلايەت - ناھىيەلەرنىڭ قاماقخانىلىردا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى بۇنىڭ سىرتىدا . چۈنكى ، بىز بۇ ھەقتە ئېنىق ۋە ھەقىقى سانغا ئېرىشەلمىدۇق .
بۇ ماتىرىيال ئارىمىزدا بىر ئاز غۇلغۇلا قوزغىدى . ئاخىر ، ئابدۇكېرىم خوجا بۇ ماتىرىيالنى بىرلەشمىنڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى . بۇ ئىشقا بۈگۈنكى كۈندە 36 يىل بولدى . بۇ ئىش ھەر بىر ئېسىمگە كەلسە ، پاجىئەلىك ئۆتمۈشنىڭ قانلىق ، خۈنۈك ۋە يىرگىنچلىك كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەنگەندەك بولىدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى 35 - سان ئانايۇرت مۇنبىرى HALKQILيوللانمىسى