Tashway
From Wikipedia
ﺗﺎﺷﯟﺍﻱ
تاشۋاي 19- ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە خەلق سەنئەتكارى. ئۇ 1864- يىلى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئاللاكۇ يېزىسىدا نامرات ئەمگەكچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قېلىپ، ئاچ- يالىڭاچلىق ۋە مۇھتاجلىق ئىچىدە سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى كۈچۈرۈشكە مەجنۇر بولغان. لىكىن ئۇ تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر بۇلۇشىغا قارىماي، سەنئەتكە بولغان ھەۋەس- ئىشتىياقىنى قىلچە بۇشاشتۇرمىغان. ئاتىسىدىن قالغان بىردىن- بىر مىراسى – راۋاپنى ئۈزىگە ھەمرا قىلىپ، تىرىشىپ خەلىق ناخشا مۇزىكىللىرىنى ئۈگەنگەن. شۇ ئاساستا "قادىر مەۋلان"، "مۇناجات"، "ئاشناجان"، "يار مۇرادىغا يەتتى"، "ئەجەم تەلقىسى" قاتارلىق خەلق مۇزىكىللىرىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجادى يۇسۇندا رەتلەپ چىققان. تاشۋاي ئۆز ھاياتىدا تۇرمۇش يۇلى ئىزلەپ، ئەنجان قاتارلىق جايلارغا بارغان. لىكىن ئۆز ۋەتىنىگە بولغان چۇڭقۇر ئىشتىياقى ئۇنى يەنە كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ئانا يۇرتىغا ئېلىپ كەلگەن. جامائەت يىغىلغان سورۇنلاردا راۋاپ چېلىپ، ناخشا ئۇقۇپ جاپاكەش خەلىقنىڭ يۈرەك دەردىگە مەلھەم بەرگەن. جاھىل، مۇتىئەسسىپ كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن زىندانغا چۈشۈپ، بىر مەزگىل مەھبۇسلۇق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن. تاشۋاي ئەنە شۇ ئېچىنىشلىق ھايات سەرگۈزەشتىللىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، "كاۋابى سەھرا"، گۇندىپايⅠ"، "گۇندىپايⅡ"، "تاشۋاي" قاتارلىق نادىر مۇزىكىلارنى ئىجات قىلغان. بۇلۇپمۇ "تاشۋاي" مۇزىكىسىدا ئۈزىنىڭ ۋە ئۈزىگە ئوخشاش مىليۇنلىغان ئەمگەكچى خەلقنىڭ پاجىيەلىك كەچۈرمىشلىرى، ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنىشلىرىنى مۇكەممەل ۋەقەلىك ئاساسى بىلەن ئوبرازلاشتۇرۇپ ئىپىدىلىگەن. "تاشۋاي" مۇزىكىسى دۇنياغا كىلىپلا خەلىق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىش بىلەن ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىغان. خەلىق ئارىسىدىن يىتىشكەن زور تالانت ئىگىسى تاشۋاي- تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپ، 1898- يىلى 34 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. خەلىق بۇ سۈيۈملۈك سەنئەتكارىنى قايغۇ ئىچىدە دەپنە قىلىشقان. راۋاپ ھەۋەسكارلىرى بىر يىلغىچە تاشۋاينىڭ قەبرىسىدە ئىستىقامەت قىلىپ، نەزىر- چىراق بىرىشكەن. تاشۋاينىڭ ئىجات قىلغان مۇزىكىللىرى تا ھازىرغىچە خەلىق ئارىسىدا كەڭ ئۇمۇملاشقان نادىر مۇزىكىلار قاتارىدا چېلىنىپ، قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
izdinix tori turantekin yollanmisi