ئىسلام دىنى

From Wikipedia

ئىسلام بىر خۇدالىق دىن بولوپ 7-ئەسىردىكى دىنى ۋە شياسى داھىي مۇھەممەد پەيغەمبەر تەرىپىدىن تارقىتىلغان.ھازىر دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ تىل بولوپ تەخمىنەنەن 1.4 مىليارد مۇخلىسى بار بولوپ پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان.ئىسلام مەنىسى ئىتائەت قىلىش بولوپ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي خۇداغا(ئەرەبچە ئاللاھ) بويسۇندۇرۇش دىگەنلىك.مۇسۇلمان بولسا "ئىتائەت قىلغۇكى" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇسۇلمانلار ئاللاھ قۇراننى مۇھەممەدكە چۈشۈرگەن،مۇھەممەد بولسا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى دەپ چۈشىنىدۇ. قۇران بىلەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرى ئىسلامنىڭ ئاساسى مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ.مۇسۇلمانلار مۇھەممەدنى دىننىڭ ياراتقۇچىسى ئەمەس بەلكى ئادەم ئەلەيھىسسالام ،ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قاتارلىقلىق باشقا ئەلچىلەر نىڭ بۇرمىلانغان(مەسىلەن يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى غا ئوخشاش) مەنىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرغۈچىسى دەپ چۈشىنىدۇ.

ئىسلام بىر دىن بولوپلا قالماي بەلكى بىر مەدەنيەت.

ئىسلام سۆزى ئەسلى ئەرەبچە " " دىگەن سۆزدىن بارلىققا كەلگەن بولوپ ،ئەسلى بىخەتەرلىك ۋە تىنىچلىق دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.ئىسلام پىئېل سۆزى ئاسلاما دىگەن سۆزدىن قۇرۇلغان بولوپ ئىتائەت قىلىش،بويسۇنۇش دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ. قۇراندىكى ئىسلام سۆزىنىڭ بىر نەچچە مەنىسى بار.

ھازىر ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان ئىككى مەزھىپى بولوپ بىرى سۈننى مەزھىپى يەنە بىرى شىئە مەزھىپى ھىسابلىنىدۇ.

Barat