ماگېللان

From Wikipedia

ماگېللان
ماگېللان

ماگېللان (Magellan)

يەر شارى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردە ، نۇرغۇن سىرلىق ھىكايېلەر بارىدى . مەملىكىتىمىزدە قەدىمقى زاماندا "دۈگلەك زىمىن" توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر تارقالغان . بەزىلەر چوڭ زىمىن غايەت زور دۈگلەك گۆمبەز، بۇدۈگلەك گۈمباز تېگى يوق چوڭغۇرلۇقتىن كۆتىرىلىپ چىققان.... دىيىشكەن . بۇ رىۋايەتلەر ، ئەمەلىيەتتە يەر شارىنىڭ ھەقىقەتەن قانداق ئىكەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەتتى . ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ، كاپىتالىزمنىڭ پەيدا بولىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا "جۇغراپىيىلىك چوڭ كەشپىياتلار"دەۋرىگە قەدەم قويدى ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا دېڭىزچى ماگېللان، ئىسپانىيە پادىشاسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىمە ئەترىتىنى باشلاپ يىراق دېڭىز سەپىرىنى ئىلىپ باردى . ئۇ يەرشارىنىڭ دۈگلەكلىكىنى دەلىللەش قارارىغا كەلگەن ئىدى . ماگېللان 1480 - يىلى پورتىگالىيىدە تۇغۇلغان . ئۇ ياشلىق دەۋرىدىلا كۆپ قىتىم كىمە ئەترىتىگە قاتنىشىپ يىراق شەرققە بارغان .

1519 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ماگېللان 270 نەپەر دېڭىز چىنى باشلاپ، 5 ھەربىي كىمە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ سىنلۇكار پورتىدىن يولغا چىققان . ماگېللاننىڭ 5 ھەربىي كىمىسى دەسلەپ دولقۇنلارنى يىرىپ ئىلگىرىلىگەن لىكىن بىر نەچچە كۈندىن كىيىن دەھشەتلىك بوران دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۈچرىغان . ئاسمان پىلەك دولقۇن ئۇلارنىئۇ ھەربىي كىمىلىرىگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلغان ، دېڭىز چىلار كىچە كۈندۈز ئۆز ئورۇنلىرىدىن ئايرىلماي تاماقمۇ يېيەلمىگەن ۋە ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلىيالمىغان . بەزىلەر يېرىم يولدا قۇربان بولغان ، لىكىن كىمە ئەترىتى ئاخىرى بوران دولقۇن ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ ، ئاتلانتىك ئوكياننى كىسىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي ئامىرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا يېتىپ بارغان . 1520 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۇلارنىڭ كىمە ئەترىتى جەنۇبىي ئامىرىكىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ تىچ ئوكيانغا كىرگەن . بۇ مەزگىل ياز پەسلى بولۇپ، بوران دولقۇنمۇ يوق، ھاۋامۇ ئىللىق ئىدى . بۇ بىپايان كەڭ سۇ دۇنياسى دەھشەتلىك دولقۇن بولىدىغان ئاتلانتىك ئوكيانغا سىلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن كۆپ تىچ ئىدى . تىچ ئوكيان دىگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن . ماگېللان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىغا كەلگەندە، بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى . ئۇلار غەلىبە بىلەن كىتىۋاتقاندا بەختسىزلىك ۋەقە يۈز بەردى ، ماگېللان 1571 - يىلى 4 - ئايدا فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر جەڭدە ئۆلتۈرۈلدى . بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يەر شارى بىر ئايلىنىش ۋەزىپىسىنىڭ ئاران يېرىمى ئورۇنلانغان ئىدى . قەھرىمان دېڭىز چىلار ماگېللاننىڭ جەسىتىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ داۋاملىق غەرپكە قاراپ ماڭىدۇ .

ئۇلار ھىندى ئوكياننى كىسىپ ، ئۈمىد تۇمشىغىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، كۈرمىڭ مۇشەققەتلەرنى چىكىپ ئاخىرى 1522 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئىسپانىيىگە قايتىپ كەلدى . بۇ ئاجايىپ سىرلىق غەلىبە خەۋىرى دېڭىزچىلارنىڭ يىنىدىن ئۆتكەن دېڭىز شامىلىدەك تىزدىن پۈتۈن ئىسپانىيىگە تارقالدى . پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى . ساياھەتچىلەر يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ كەلگەندە، 270 دېڭىزچىدىن 18 ئى قالغان . 5 ھەربىي كىمىدىن ئاران بىرى قالغان . لىكىن ئۇلارنىڭ ساياھىتى ئۇلۇغ ساياھەت بولغان . چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە تۈنجى قىتىم قەھرىمانە ئەمەلىيەت ئارقىلىق يەر شارىنىڭ دۇگلەكلىكىنى دەلىللىگەن . ماگېللاننىڭ ساياھىتى ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئالەم توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە .

izdinix munbiri hekemi yollanmisi