نېرۇدا
From Wikipedia
پابلۇ نېرۇدا ( Pablo Neruda 1904 - 1973 )
1973 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى پابلو نېرودا ۋاپات بولدى . پابلو نېرودا ئىلىمىز ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق بولغان چىلىلىق مەشھۇر شائىر . 1971 - يىلى نوبىل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . نېرودا كىچىكىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، شېئىرىي تالانتى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇراتتى . ھەتتا ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرىنى باشقىلارنىڭكىدىن كۆچۈرۋالغان ئوخشايدۇ، دەپ قالاتتى . 1920 - يىلى تىموكو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شېئىرىيەت مۇسابىقىسىدە ئۇ بىرىنچىلىككە ئىرىشكەندىن كىيىن، ئەدەبىي ھاياتىنى رەسمىي باشلىغان . 1924 - يىلى ئۇ "20 پارچە مۇھەببەت لىرىكىسى ۋە بىر ئۇمىدسىز ناخشا" ناملىق توپلىمىنى ئېلان قىلىپ ، بىردىنلا شۆھرەت قازانغان . نېرودا بىرنەچچە قىتىم چەتەلدە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ تۇرغان ، نۇرغۇن چەتەللىك مەشھۇر شائىرلار بىلەن تونۇشقان . بولۇپمۇ ئىسپانىيىلىك شائىر گارىسا لوركا، رافائىل ئالبىرت بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان . بۇ ئۇنىڭ شېئىرىيەت ئۇسلۇبىنىڭ ئۆز گىرىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن . 1936 - يىلى ئىسپانىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندا نېرودا ئىسپانىيە خەلقىنىڭ فاشىستلارغا قارشى كۈرىشىگە ھىسداشلىق قىلىپ، "ئىسپانىيە مېنىڭ قەلبىمدە" ناملىق شېئىرىنى ئىجاد قىلغان . بۇ شېئىر ئىنگىلىز، فىرانسۇز، روس قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان . "ئويغىنىڭلار، ئورمان كەسكۈچىلەر" ، "ئۇزۈمزار ۋە شامال" ... قاتارلىق توپلاملار نېرودا ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسى ھىساپلىنىدۇ .
izdinix /hekemi