ﺳﯩﻜﻮﺕ
From Wikipedia
ﯞﺍﻟﺘﯧﺮ ﺳﯩﻜﻮﺕ ( 1771 - 1832 . Walter Scott )
ﯞﺍﻟﺘﯧﺮ ﺳﯩﻜﻮﺕ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ . ﺳﯩﻜﻮﺕ ﺷﻮﺗﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺯﺍﯞﺍﻝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﯪﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﯪﺗﯩﺴﻰ ﯪﺩﻭﯞﻛﺎﺕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﯩﻜﻮﺕ ﻛﯩﭽﯩﮕﯩﺪﻩ ﻛﯩﺴﻪﻟﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻮﺗﻼﻧﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﯗﻏﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﺎﭺ ﺩﻩﻡ ﯪﻟﻐﺎﻥ، ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﮕﯩﺪﯨﻨﻼ ﺷﻮﺗﻼﻧﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﯰ ﺋﯧﺪﯨﻨﺒﯘﺭﯗﮒ ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯴﮔﻪﻧﮕﻪﻥ، ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯘﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﯪﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯪﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﯪﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺍﻛﺘﯩﻜﺎﻧﺖ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ، 21 ﻳﯩﺸﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﯪﺩﻭﯞﻛﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯪﺩﻭﯞﻛﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﻫﻪﺭ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﻩﻡ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﺗﻼﻧﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ، ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻴﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ . ﯰ ، 1799- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻠﻜﯘﻙ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯪﯞﯨﻦ ﯞﺍﻟﯩﻴﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ، ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻴﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺕ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯩﻜﻮﺕ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺭﻩﺗﻠﯩﮕﻪﻥ " ﺷﻮﺗﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻴﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ " 1802 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1803 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ 3 ﺗﻮﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ. ﯪﺭﯨﺪﯨﻦ ﯰﺯﯗﻥ ﯲﺗﻤﻪﻱ ، ﺳﯩﻜﻮﺕ ﯪﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﭗ ، ﯬﺩﯨﺒﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﯪﺗﻼﻧﻐﺎﻥ . 1806 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﺪﯨﻨﺒﯘﺭﯗﻙ ﻫﻪﻕ ﺩﻩﯞﺍ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺳﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﯪﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺧﯩﻠﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯰﻧﻰ ﻳﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
ﺳﯩﻜﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﯮﻣﻮﻣﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ 1805 - ﻳﯩﻠﻰ " ﯪﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ، 1814 - ﻳﯩﻠﻰ " ﯞﺍ ﯞﯦﺮ ﻟﻰ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ؛ 1814 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1832 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . 1808 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻜﻮﺗﻨﯩﯔ " ﻣﺎﺭﻣﯧﻮﻥ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . 1810 - ﻳﯩﻠﻰ " ﻛﯚﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﺗﻪﯓ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺳﯩﻜﻮﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﯩﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﺷﻮﺗﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯪﺳﺎﺳﻰ ﺗﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﯰﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﯬﯓ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ " ﯞﺍ ﯞﯦﺮ ﻟﻰ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ " ﭘﯘﺭﯨﺘﺎﻧﻼﺭ " ، " ﺭﻭﺏ.ﺭﻭﻱ " ، " ﻣﯩﺪ ﻟﻮ ﺳﯧﻦ ﺗﯘﺭﻣﯩﺴﻰ " . . . ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ . ﯰ 1819 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯪﺳﺎﺳﻰ ﺗﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻫﯩﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ " ﺋﯩﯟﺍﻧﻬﯘ " (1818) ﺑﯩﻠﻪﻥ " ﻛﯧﻨﺘﯩﻦ . ﺩﯗﺭﯞﺍﺭﺩ " (1823) ﯬﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 1825 - ﻳﯩﻠﻰ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﭗ ، ﺳﯩﻜﻮﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﻳﭽﯩﻚ ﺷﯩﺮﯨﮕﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺳﯩﻜﻮﺕ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺭﯨﺰﻧﻰ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﯴﭼﯜﻥ ، ﻫﯩﻜﺎﻳﻪ ﻳﯩﺰﯨﺸﻘﺎ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺳﯩﻜﻮﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﯩﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻘﺎ ﯪﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﯰﭼﯩﺪﯨﻼ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺭﯨﯫﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ، ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﯨﻴﻠﯩﮕﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ . 1830 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻜﻮﺕ ﺑﻪﻙ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺴﻪﻟﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﯩﯖﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻥ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ . 1831 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﻪﺗﯭﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﯩﺴﯩﻠﻰ ﻛﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯘﻧﮕﻪ ﺋﯩﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ . 1832 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﯪﻳﺪﺍ ﺳﯩﻜﻮﺕ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 21 - ﻛﯜﻧﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
izdinix munbiri hekemi yollanmisi