ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ
From Wikipedia
ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ، ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﯜﺱ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺩﯨﻦ 3000 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ؛ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺭﺍﺑﺒﻰ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ؛ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﺋﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ؛ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﻰ ﻳﻪﮬﯟﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ - ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺩﯨﻨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺭﭖ- ﺋﺎﺩﻩﺕ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻤﯘ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ: ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍ ﻳﻪﮬﯟﺍﻏﯩﻼ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ؛ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺎﻻﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﮬﯟﺍﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪﻥ ﺋﻪﮬﺪﯨﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ؛ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﻪﮬﯟﺍ ﻣﯘﺳﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩﮬﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﭘﻪﺭﮬﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ 8- ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؛ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ 13 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﻪﻧﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ( ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ) ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؛ ﻳﺎﺕ ﺗﺎﺋﯩﭙﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؛
ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﺮﻯ: ﭘﺎﺳﺴﻮﯞﯦﺮ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﮬﻮﺳﯘﻝ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﻛﻪﭘﻪ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﭘﯧﻨﯩﺘﻠﯩﻜﻮﺳﺖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺑﯘﺭﻏﺎ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﯞﻩ ﮔﯘﻧﺎﮬﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ...
ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ، ﻣﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ، ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺗﺎﻟﻼﭖ ، ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﺪﯨﻢ.
ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ 10 ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺗﯚﺕ ﮬﻮﻗﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 10 ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ: (1) ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ. (2) ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺟﺎﻱ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ. (3) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ.(4) ﺗﻮﻱ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ. (5) ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ.(6) ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﺎ،ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺶ. (7) ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺴﻪ،ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﯧﺸﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ. (8) ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ. (9) ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﺸﻰ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯚﺳﯜﭖ - ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺵ. (10) ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺴﻪ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ: (1) ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ. (2) ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ. (3) ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ. (4) ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ
ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺧﺮﯨﺴﺘﻮﺱ ﺋﯩﺴﺎﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﯞﺍﺭﯨﻴﻰ ﭘﺎﺋﯘﻝ ( ﺳﺎﺋﯘﻝ) ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. " ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ " ﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺪﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯔ 12 ﮬﻪﯞﺍﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﺋﯩﺸﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ. " ﮬﻪﯞﺍﺭﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ، ﮬﻪﯞﺍﺭﯨﻴﻼﺭ ﭘﯧﺘﺮﻭﻧﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﭼﻪﻙ ﺗﺎﺷﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻣﺎﺗﺘﯩﻴﺎﺳﻨﻰ ﮬﻪﯞﺍﺭﯨﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﺎﺋﯘﻝ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺭﯨﺘﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺭﯨﺘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ: ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯩﺴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﭘﺎﺋﯘﻟﻐﺎ ﺭﯗﺳﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺋﯘﻝ ﺋﯩﺴﺎﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭘﻪﻳﻐﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﭘﺎﺋﯘﻟﻨﯩﯔ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ. ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ " ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ" ﻧﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﺴﻪ،" ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ "ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
anayurt tori KomushYapraq yollanmisi